• 571-6677-888
  • admin@uyghurbazar.us

ئۇيغۇربىز خەۋىرى، 2021-يىل 3-دېكابىر

2021-يىلى 28-نويابىردا ئامېرىكىدا تۇنجى ئېچىلغان  ئۇيغۇر بازىرى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. بازارغا ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە شىركەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قسىمى بازارغا قاتناشتى.

بازاردىكى سودا-سېتىق رەسمىي باشلىنىشتىن ئاۋال، ئۇيغۇر بازارنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ رىياسەتچىلىگىدە، بازار ئېچىشىتىكى مەقسەد ۋە پىلانلار جامائەتكە قىسقىچە چۈشەندۈرۈلدى.

ئاندىن مۇڭلۇق، جاراڭلىق ئەزان توۋلانغاندىن كىيىن، قۇرئان قىرائەت قىلىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى.  مۇسابىقىغا يېشى 6-12 بولغان ماھىرلار قاتناشتى.

ئۇنىڭغا داۋاملىشىپ ئۇيغۇر بازىرى، ئۇنى باشقۇرغۇچى ئۇيغۇربىز شىركىتى ۋە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسجىد قۇرۇش پروجېكتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى جامائەتكە تونۇشتۇرلدى.

ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا، ياپۇنيەدىكى دانىش شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى “ھالال كاۋاپ” رېستۇرانىنىڭ ئۇيغۇر مەسجىدگە ئىئانە قىلغان 5 مىليون ياپۇنىيە يىنىنىڭ (تەخمىنەن 44 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) چېكى تاپشۇرۇپ ئېلىندى. جامائەت ئالقىش ياڭراتتى.

ئاخىرىدا  ئۇيغۇر مەسجىددىكى ئۈچ ئىمامنىڭ باھالىشى بىلەن، قۇرئان قىرائەت قىلىش مۇسابىقىسىدىكى بىرىنچى بولغان ماھىرغا Apple AirPods، ئىككىنچى بولغان ماھىرغا يىراقتىن تىزگىنلىدىغان Drone، ئۈچىنچى بولغان ماھىرغا كامېرا سوۋغا قىلىندى. قالغان بارلىق ماھىرلارغا ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن خەت-شەكىللەر نەقمەيداندا كۆينەككە بېسىلىپ سوۋغا قىلىندى.

شۇنىڭدىن كىيىن بازار رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

ئۇيغۇرچە يىمەكلىكلەردىن ھەر خىل پۇشۇرۇقلار، ئۆپكە-ھېسىپ، ساڭزا، سامسا، نان، تاتلىق-تۈرۈملەر، قوي پاچىقى، كالا گۆشى ئۈگرىسى قاتارلىقلار ۋە  J-Petal شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىچىملىكلىرى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، بىر سائەتكە قالماي پاك-پاكىزە سېتىلىپ تۈگەپ، كىيىن كەلگەنلەر ئارماندا قالدى.

كىيىم- كېچەكلەردىن ئۇيغۇربىز شىركىتى تۈركىيەدىن زاكاس قىلغان ھەر خىل كانۋاي كۆينەكلەر، شەپكىلەر، ئەتلەس شارپا ۋە رەختلەر جامائەتنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كۆپ سېتىلدى. كانۋاي كۆينەكلەرنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان رازمېرى ۋە رەڭلىرى سېتىلىپ تۈگەپ، ئالدىن زاكاس ئېلىندى.

ئۇندىن باشقا گېلەم، ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ئېلىبپە كارتىلىرىمۇ ناھايىتى بازارلىق سېتىلدى. ئۇيغۇرمۇسكۇل شىركىتىنىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرى ۋە چېنىقىش ئۈسكۈنلىرى تونۇشتۇرۇلدى. كومپيۇتېر-تېخىنىكا مۇلازىمەت ۋە ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى جامائەتكە تونۇشتۇردى.

ئۇيغۇربىز شىركىتى خېرىدارلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن خەت-شەكىللەرنى، ئۆزلىرى تاللىغان رەڭدىكى كۆينەكلەرگە نەقمەيداندا بېسىپ بېرىپ، جامائەتنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

بازار ئىچىگە پاتماي قالغان بىر قانچە تىجارەتچىلەر سىرتىدا سودا قىلدى. بازار كۈنى دېكابىرغا ئۇلىشىپ قالغانغا قارىماي، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئىللىق بولدى.

بازار سىرتىدا “ھالال كاۋاب ياپۇن” كۆچمە ئاشخىنىسى ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن، جامائەتكە ئاش تارتتى، ۋە تۈركچە مۇز قايماقنى قىزىقارلىق ماھارەت بىلەن تەييارلاپ كىچىك بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

بازار ئىچىدە يەنە بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت ئۈستىلى تەسىس قىلىنىپ، ھەر خىل قول-ھۆنەرۋەنچىلىك ۋە سەنئەت بويۇملىرى ياساش ئېلىپ بېرىدى.

بازار چۈشتىن بۇرۇن 11 دا ئېچىلىپ، چۈشتىن كىيىن 4 دە ئاياقلاشتى. بازارغا ۋىرجىنيە، مەرىلەند، ۋاشىنگىتون ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار، باشقا يۇرتلۇق مۇسۇلمانلار ۋە ئامېرىكىلىق دوستلاردىن بولۇپ، 2-3 مىڭ ئەتراپىدا مېھمان قاتناشتى.

ئۇيغۇر بازىرىدىكى ئومۇمى تىجارەت سوممىسى 20 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، تىجارەتچىلەر بازاردىكى سودىسنىڭ 10 پېرسەنتىنى ئۇيغۇرمەسجىدگە ئىئانە قىلدى. J-Petal  ۋە يەنە بىر قانچە تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىز بازاردىكى سودىسىنىڭ بارلىق سوممىسىنى ئۇيغۇرمەسجىدگە ئىئانە قىلدى.

مەيلى خېرىدارلار بولسۇن، ياكى تىجارەتچىلەر بولسۇن، مۇشۇنداق بىر بازارنىڭ ئېچىلغىنىدىن بەك خۇرسەن بولغىنىنى، پات-پات ئېچىپ تۇرۇش تەكلىۋىنى بەردى. چوڭ-كىچىك جامائەت ئۆز-ئارا دىدارلىشىدىغان، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە مەدەنيىتى پەرزە نتلىرىمىزگە ۋە يەرلىككە تونۇشتۇرۇلدىغان ۋە ۋەتەن سېغىنىشى ئازراق بولسىمۇ بېسىلىدىغان مۇشۇنداق بىر ئورۇننىڭ ھازىرلىغىنىدىن خۇشال بولۇشتى.

ئۇيغۇربىز شىركىتى 2022 يىللىق ئۇيغۇربازارنى بىر قانچە قېتىم ئېچىش ۋە كۆلىمىنى چوڭايتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. پات ئارىدا 2022 دىكى تۇنجى بازارلىق خېرىدار چاقىرىش ئېلان قىلىنىدۇ. قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇيغۇربازار تور بېكىتى ۋە Facebook بېتىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئۇيغۇربىز شىركىتى تەسىس قىلغان تور بازىرى چوڭ-كىچىك تىجارەتچىلەر ئۈچۈن تىجارىتىنى تور ئارقىلىق كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. خېرىدارلار ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى تور ئارقىلىق سېتىۋالالايدۇ. قىزىققۇچىلار ئۇيغۇربىز شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

 

خەۋەرنىڭ PDF ھۆججىتى